شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قوشنىسى بولغان تالىبان ئىسلام ئەمىرلىكىنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈش رەزىل مەقسىتىدە، ھەر تەرەپتىن كەڭ-كۆلەمدە يەمچۈك تاشلىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ يۈ يېقىندىن بىرى ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ۋاڭ يۈ بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە تالىبان ئەمىرلىكىنىڭ ئۈچ نەپەر مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى مىنسىتىر غەرب دىپلوماتلىرى ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن 10 مىليون دوللار مۇكاپات بىلەن تەلەپ قىلىنغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سىراجۇددىن ھەققانىي بىلەن نىدا مۇھەممەد نەدىم ئىكەن
ئۇندىن باشقا تالىباننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەيىد مۇھيىددىن سادات خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە سودا-سانائەت ئەمەلدارلىرى بىلەن دائىم ئۇچرىشىدىكەن. خىتاي تالىبان ئىسلام ئەمىرلىكىنى ئافغانىستاننىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى دەپ ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلاشقۇچى دەپ قارايدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ئايدا «خىتاينىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدىكى مەيدانى» ناملىق سىياسەت ھۆججىتىنى ئېلان قىلىپ: «خىتاينىڭ ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە، ئافغانىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىل تاللىشىغا ۋە ئافغانىستاننىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى» ئېلان قىلغان. خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىدا قىرغىن قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر پەيتتە، خىتاي ئافغانىستاننىڭ ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىخەتەر پاناھلىنىش ئورنى بولۇپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.
ئافغانىستاننىڭ سابىق باش ئەلچىسى ئەھمەدنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قورال سېتىپ بېرىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قايتا تەشكىللىنىپ باشقا قوراللىق كۈچلەر بىلەن تاكتىكىلىق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ قىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىكەن. تالىبان ئىزچىل تۈردە خىتايغا ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق گۇرۇپپىنىڭ ئافغانىستان زېمىنىنى ئىشلىتىپ باشقا دۆلەتلەرنى نىشانغا ئېلىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ