6-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى»نىڭ تەييارلىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

«6-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» ۋە «15-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» نىڭ تەييارلىق مەسلىھەت يىغىنى 21-ماي ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا قېرىنداش تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ۋەكىللىرى ۋە جامائەت پىشقەدەملىرى قاتناشتى.

مەسلىھەت يىغىنىدا ئالدىنقى نۆۋەتلىك قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسىدا بىرلىككە كېلىنگەن قارارلار ۋە خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى. ئارقىدىن بۇ يىل ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «6-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» ۋە «15-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى»غا ئالاقىدار خىزمەت ۋە كۈنتەرتىپلەر مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» ۋە «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان يىللىق يىغىن بولۇپ، ھەر قېتىملىق يىغىنغا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەر ساھە يېتەكچىلىرى، ئاكادېمىكلىرى، ئالىم-ئۆلىمالىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلىپ كەلمەكتە. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كەلگەن كىرىزىسلار ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋا ساھەسىدىكى تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا مۇھىم خىزمەتلەر روياپقا چىقماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1655 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2023 17:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق