خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا «شىئەن خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى

خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە ئىككى كۈن داۋاملاشقان خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى يىغىنىدا «شىئەن خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى.

18-ماي باشلىنىپ، 19-ماي ئاخىرلاشقان خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى جۇمارت توقايوف، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپاروف، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمام ئېلى راھمانوف، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوف ۋە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيويوفلار بىر يەرگە جەم بولغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، يىغىندا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە، 15 ماددىلىق «شىئەن خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغان.

خىتابنامىدە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى مېخانىزمىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، شۇ ئاساستا ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، ھەر قايسى تەرەپلەر خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئاساسىدا، مۇھىم ھەمكارلىق ساھەلىرىدە مىنىستىرلار ئۇچرىشىش مېخانىزمىنى تېزدىن بەرپا قىلىدىغانلىقى، ھۆكۈمەت ۋە سىياسىي تۈزۈمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان «رەڭلىك ئىنقىلاب» قوزغاشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى، ھەر قانداق تەرىقىدە ۋە ھەر قانداق باھانە بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتابنامىدە يەنە ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ قاتناش مەركىزى بولۇشتەك مۇھىم ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا قاتناش كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا-جەنۇبىي ئاسىيا، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا-ئوتتۇرا شەرق بىرلەشمە تىرانسپورتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكى، جۈملىدىن خىتاي-قازاقىستان-تۈركىيە-ئىران تىرانسپورت يولى، ئوتتۇرا ئاسىيا-ياۋروپا ۋە كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان تىرانسپورت لىنىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتابنامىدە يەنە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىقتىساد، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇقىم ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇھىملىقى كۆرسىتىلىپ، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى D لىنىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدىغانلىقى، بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركەزلىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى، خىتاي بۇ ساھەدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى داۋاملىق ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەپ، مۇناسىۋەتلىك ساھەدە كەسپىي خادىملارنى تەشكىللەش ئارقىلىق، خىتايدىكى تەربىيەلەش، تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتابنامىنىڭ ئاخىرىدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلىشىغا، ئىجتىمائىي ئۇل ئەسلىھەلەرنى قايتا قۇرۇپ، رايون ۋە دۇنيا ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقى ھەمدە شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان بۇ ئۇچرىشىش يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار ئۇچرىشىشى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خەلقئارانىڭ، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 838 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2023 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق