خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ماراكەشتە ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئىدرىس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ماراكەشتە يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان نوپۇزلۇق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمى بىلەن، تەلەپلىرىنى ۋە ئىدرىس ئىدرىس ھەققىدە ھازىرلىغان دوكلاتىنى ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد VI كە يەتكۈزۈشكە، شۇنداقلا پادىشاھ تەرىپىدىن كەچۈرۈم ئېلان قىلدۇرۇشقا تىرىشماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، ماراكەش ئاساسىي قانۇنىنىڭ 58-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پادىشاھ مەھبۇسلارغا قارىتا كەچۈرۈم ئېلان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. قانۇندا كۆرسىتىلىشىچە، ماراكەش پادىشاھى روزا ھېيت، قۇربان ھېيت شۇنداقلا ماراكەشنىڭ «پادىشاھ ۋە خەلق ئىنقىلابى» كۈنى (ھەر يىلى 20-ئاۋغۇست) مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر يىلى مىڭلىغان مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلالايدىكەن. كەچۈرۈم قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا تېررورلۇققا چېتىشلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلارمۇ بار ئىكەن.
ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد VI بۇ يىلمۇ روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك جىنايەتلەر سەۋەبىدىن تۈرمە جازاسى بېرىلگەن ياكى قولغا ئېلىنغان 1518 كىشى ھەققىدە كەچۈرۈم قىلىش قارارى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇلتۇر قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەنمۇ 979 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلغانىدى. مۇھەممەد VI ماراكەشنىڭ «پادىشاھ ۋە خەلق ئىنقىلابى» كۈنى بولغان 20-ئاۋغۇستتىمۇ ھەر يىلى 500 گە يېقىن مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلىپ كەلمەكتىكەن.
نۆۋەتتە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ يىللىق قۇربان ھېيت ۋە ماراكەشنىڭ «پادىشاھ ۋە خەلق ئىنقىلابى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىدىغان مەھبۇسلار تىزىملىكىگە ئىدرىس ھەسەننىڭمۇ كىرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن، ماراكەشتىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلاشماقتىكەن.
تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋەكىللىرى ئىلگىرىمۇ ئەرەب دۇنياسىدا، تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يىغىنلاردا ماراكەشنىڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىدرىس ھەسەن مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانىدى.