تەشكىلاتلار بىرلىكى مىللىي ئىرادە مۇنبىرىگە ئىشتىراك قىلدى

كۆپلىگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن خەلقئارا مىللىي ئىرادە مۇنبىرىگە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت ئىشتراك قىلدى.

يىغىن 18-ماي ئىلىم-پەن تارقىتىش ۋەقفىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇنبەرگە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىشتراك قىلدى.

يىغىنغا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، پىرېزىدېنت باش مەسلىھەتچىسى ئىسرافىل قىشلا ، ئىلىم-پەن تارقىتىش ۋەقفىنىڭ مۇتەۋەللىي ھەيئەت رەئىسى بىلال ئەردوغان، ئىلىم-پەن جەمئىيىتى رەئىسى يۈسۈپ تۇلۇن قاتارلىق تۈركىيە رەھبەرلىرى ھەمدە ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى ئىشتراك قىلدى.

يىغىندا تەشكىلات رەھبەرلىرى ھەمدە ۋەكىللىرىدىن بىر-بىرلەپ پىكىر ئېلىندى. بىرلىكتە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە باشقا مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1327 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2023 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق