خىتاي بىلەن تاجىكىستان بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شىئەندە ئېچىلىۋاتقان خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى يىغىنىدىن بۇرۇن خىتايغا يېتىپ كەلگەن تاجىكىستان رەئىسى ئىمام ئېلى راھمانوف شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپ تاجىكىستان مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتى ۋە تاجىكىستان مېتاللورگىيە ئىنستىتۇتىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىشتە ئوينىغان مۇھىم رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە ھەرقايسى ساھەدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا تاجىكىستان بىر خىتاي پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ پۈتكۈل خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى، تەيۋەن خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەنگەن. تاجىكىستان تەرەپ يەنە ھەر قانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، تەيۋەن بىلەن ھېچقانداق يوسۇندا رەسمىي ئالاقە قىلمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن ھەمدە خىتاينىڭ بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا ئىككى تەرەپ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوش ئۆلچەم قىلىنىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەمدە ھەر قانداق دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تاجىكىستاننىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئېتىبارلىق قەرز بىلەن تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

باياناتتا يەنە ئىككى تەرەپ رايون قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۇلىنىشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، ئىككى تەرەپ داۋاملىق تۆمۈر يول ۋە تاشيول قاتناش كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، خىتاي تەرەپ تاجىكىستاننىڭ خىتاي-تاجىكىستان-ئۆزبېكىستان تاشيولىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا كۈچ چىقىرىپ، ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خىتاي-تاجىكىستان-ئۆزبېكىستان-تۈركمەنىستان-ئىران-تۈركىيە كۆپ شەكىللىك قاتناش كارىدورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى تەرەپ يەنە ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئاستىدا گورنو-بەدەخشان ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ۋارشېزدىن قاراسۇ-كولماي پورتىغا تۇتىشىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشى ۋە چېگرا ئېغىزىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قوشۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 814 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2023 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق