دۇنياغا داڭلىق بىر نەچچە مودا كىيىم-كېچەك ماركىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقى سەۋەبلىك، فىرانسىيەدە قايتىدىن ئەرز قىلىندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 17-ماي فىرانسىيەدە Uniqlo ۋە Zara شىركىتى تەۋە بولغان Inditex گۇرۇھى قاتارلىق كىيىم-كېچەك ماگناتلىرى ئۈستىدىن قايتا ئەرز سۇنغان ۋە مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئالدى، دەپ گۇمان قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ شىركەتلەر ئۈستىدىن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى شېرپا ماركا ئەخلاقى تەشكىلاتى (Ethics on Labels)، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ۋە ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرىغا قامالغان بىر ئۇيغۇر ئايال شاھىت قاتارلىقلار ئەرز قىلغان.
مەزكۇر شىركەتلەر بولسا ھازىرغا قەدەر تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شىركەتلەر ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئەرز ئىلگىرى پارىژدىكى دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەپتىش مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان بولۇپ، مەزكۇر دېلو بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا مەھكىمە تەرىپىدىن رەت قىلىنغانىدى ۋە بۇنىڭ سەۋەبى مەزكۇر دېلودىكى مەسىلىلەرنىڭ مەھكىمىنىڭ سوتلاش دائىرىسىدە ئەمەس ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ