خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى يىغىنىدا زور سوممىلىق يەمچۈك تاشلاندى

خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى يىغىنى 18-ماي چۈشتىن كېيىن خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە باشلانغان بولۇپ، يىغىندا ئېچىلىش سۆزى قىلغان شى جىنپىڭ زور سوممىلىق يەمچۈك تاشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى جەمئىي 26 مىليارد سوم قىممىتىدە مەبلەغ ۋە ھەقسىز ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ۋەدە قىلدى.

خىتاي مەركىزى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ سۆزىدە بۇ يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئورتاق تەرەققىيات، ئۇنىۋېرسال بىخەتەرلىكنى قوغداپ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغان ئورتاق خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيىتى بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ مۇقىم ئوتتۇرا ئاسىياغا موھتاج ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ھەققىدىكى قارا نىيىتىدىن بېشارەت بېرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللىي زىددىيەت، دىنىي تالاش-تارتىش ۋە مەدەنىيەت پەرقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئەمەسلىكىنى، ئىتتىپاقلىق، كەڭ قورساقلىق ۋە ئىناقلىق ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ نىشانى ئىكەنلىكىنى، ھېچكىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىختىلاپ ۋە زىددىيەت پەيدا قىلىش ۋە بۇ ۋاسىتە بىلەن سىياسىي مەنپەئەت ئېلىش ھوقۇقى يوقلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئۇ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى بولۇپ بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ھالدا، رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، يەر شارى بىخەتەرلىك تەشەببۇسىنى ئورتاق يولغا قويۇپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا ۋە «رەڭلىك ئىنقىلاب» قوزغىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»كە بىردەك قارشى تۇرۇپ، بىخەتەرلىك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، توقۇنۇشتىن خالىي مەڭگۈ تىنچ بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى داۋراڭ سالغان.

شى جىنپىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ بىر يول» سودا پىلانىدىكى سىجىل تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش، ئالەم ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ئالاھىدە ھەمكارلىق پىروگراممىلىرىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ساھەدە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئىلمىي ئۇسۇلدا نامراتلىقنى ئازايتىشتىكى ئالاھىدە ھەمكارلىق پىلانى بولغان «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا تېخنىكا ۋە ماھارەتنى ياخشىلاش پىلانى» تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە خىتاي مەبلەغ سالغان كارخانىلارنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا زور كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن جەمئىي 26 مىليارد سوم قىممىتىدە مەبلەغ ۋە ھەقسىز ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى؛ ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 813 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2023 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق