شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ 11-قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشتى

ئاۋسترالىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ 11-قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

قۇرۇلتاي ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 7-ماي جەمئىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن. قۇرۇلتايدا جەمئىيەت رەئىسىدىن باشلاپ ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك تەشكىلىي ھەيئەت ئەزالىرى يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغان.

قۇرۇلتايدا ئادەم تۇران ئەپەندى جەمئىيەت رەئىسى، پەيزۇللا مېھمان ئەپەندى مۇئاۋىن رەئىس، سالاھىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ئاممىۋىي ئىشلار مەسئۇلى، ئابدۇجېلىل مۇھەممەت ئەپەندى جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى، نەسرۇللاھ نىجات ئەپەندى بىلەن تاش يارى ئەپەندى مالىيە مەسئۇلى، ئابدۇلھېكىم ئالىم ئەپەندى تەشۋىقات مەسئۇلى بولۇپ سايلانغان.

بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋىي ئىشلار مەسئۇلى سالاھىدىن تۇرسۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، جەمئىيەت رەھبەرلىرىنى ئادىل سايلاپ چىقىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يەتتە كىشلىك نازارەت ھەيئىتى سايلاپ چىققان بولۇپ، ھەيئەت سايلامنىڭ ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

سالاھىدىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ئىلگىرىكى قۇرۇلتايلارغا قارىغاندا سايلام رىقابىتىگە ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ سانى كۆپ بولغان بولۇپ، كەسكىن رىقابەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇندىن باشقا بۇ قېتىم سايلام رىقابىتىگە قاتناشقانلار ۋە رەھبەرلىك ھەيئىتى بولۇپ سايلانغانلار ئىچىدە، ئىلگىرىكى پىشقەدەم رەھبەرلەر تەربىيەلەپ چىققان ياشلار ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 15-ماي خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى 11-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.

تەبرىكنامىدە شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك تەشكىلىي ھەيئەت ئەزالىرى، رەئىسلەر ۋە مەسئۇللارنىڭ قىلغان خىزمەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قۇتلۇقلايدىغانلىقى، يېڭىدىن جەمئىيەت رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن ئادەم تۇران ئەپەندى ۋە باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ۋەزىپە باسقۇچىدا مۇۋەپپەقىيەت ۋە خىزمەتلىرىگە بەرىكەت ۋە ئۇتۇق تىلەيدىغانلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەردە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1840 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2023 16:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق