خىتاينىڭ تۈرلۈك تەھدىتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان فىلىپپىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسىنى جەنۇبىي دېڭىزدا لەيلىمە بەلگە قويۇش ئارقىلىق نامايان قىلدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 16-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى بايانات ئېلان قىلىپ، فىلىپپىن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى (EEZ) غا لەيلىمە بەلگە قويۇپ، جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان سىپراتلى ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس شەرتنامە ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان بىر پەيتتە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى بارغانسېرى كۈچەيتكەن. فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ 14-ماي بىلدۈرۈشىچە، فىلىپپىن 10-مايدىن 12-مايغىچە ۋىتسونداي ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 322 كىلومېتىر رايون ئىچىدىكى بەش رايوندا دۆلەت بايرىقى ئورنىتىلغان لەيلىمە بەلگە ئورناتقان.
فىلىپپىن دېڭىز ساقچىسى ئەمەلدارى تىۋىتتېر ھېساباتىدا: «بۇ ھەرىكەت فىلىپپىننىڭ دېڭىز چېگراسى ۋە بايلىقىنى قوغداش ۋە دېڭىز-ئوكيان سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2022-يىلى ماي ئېيىدا فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى سىپراتلى ئارىلىدىكى تۆت ئارالغا بەش يول باشلاش لەيلىمە بەلگىسى ئورناتقان ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ