ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارادىكى دىنىي ئەركىنلىك توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارادا دىنغا قارشى باستۇرۇشنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتايدىكى دىنىي باستۇرۇشنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 15-ماي «2022-يىللىق خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان.
دوكلاتتا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ۋە تىبەت بۇددىستلىرى، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرغانلىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرى باش ئەلچىسى راشاد ھۈسەيىن دوكلاتتىكى بىر قىسىم مۇھىم نۇقتىلار ھەققىدە سۆز قىلىپ، نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز چېگراسىدىكى دىنىي گۇرۇپپا ئەزالىرىغا داۋاملىق قالايمىقان ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باش ئەلچى راشاد ھۈسەيىن خىتاي ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرلارغا قامىدى. تىبەت بۇددىستلىرىنى داۋاملىق باستۇردى، نۇرغۇن كىشىلەر خىتاينىڭ باستۇرۇشى ۋە زەربە بېرىشى سەۋەبلىك چەت ئەلگە قاچماقتا» دېگەن.
راشاد ھۈسەيىن سۆزىدە يەنە، خەلقئارا سەھنىدە ئىككىنچى خىل يېڭى يۈزلىنىش ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مەسچىت ۋە دۇئا-تىلاۋەت سورۇنلىرىغا كىرىشكە قويغان چەكلىمىسىنىڭ كۈنسېرى كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتلىرى ۋە قەبرىستانلىقلىرىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ياكى باشقا ئەسلىھەلەرگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى تاراتقۇلارغا: «خىتاي يەنىلا دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەت» دېگەن.
مەزكۇر ئەمەلدار يەنە: «ئامېرىكا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا قارشى مالىيە جازاسى ۋە ۋىزا چەكلىمىسى قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي دائىرىلىرىگە بولغان بېسىمنى ئاشۇرماقتا» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ