خىتاي بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنى جىددىي تېزلەتتى

شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى تېزلىتىۋاتقان خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايىنبۇلاق رايونىدا ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى باشلىغان بولۇپ، يىل ئاخىرىغىچە پۈتتۈرۈش پىلانلانغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 16-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوتۇنسۇمۇل ناھىيەسىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بايىنبۇلاق ئويمانلىقىدىكى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، بۇ ئايرودۇرۇم شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئىككىنچى يۇقىرى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇم ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ تۈرنىڭ ئاساسىي گەۋدە پولات قۇرۇلمىسى قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولۇپ، ئاساسىي گەۋدىنىڭ 2-قېتىملىق قۇرۇلما قۇرۇلۇشى ھەم ئىچكى قىسىمدىكى قۇراشتۇرۇش، بېزەش ئىشلىرى داۋام قىلماقتىكەن ۋە يىل ئاخىرى پۈتىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا، تۆمۈر يول ۋە تاشيول قاتنىشىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىش ئارقىلىق، خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى توشۇشقا ئاسانلىق يارىتىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئىشغالىيەتچى رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈشنى تېزلەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1350 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2023 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق