خىتاي ساقچىلىرى موڭغۇل يازغۇچى لامجاب بورجىگىننى تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتاردىكى تۇرالغۇسىدىن گۆرۈگە ئېلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ كەتكەن.
زىمىستان تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 3-ماي خىتاي ساقچىلىرى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى ۋە يازغۇچى لامجاب بورجىگىننى تاشقى موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتوردا ئۇنىڭ قىزىنى يەمچۈك قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن گۆرۈگە ئېلىپ، دەرھال خىتايغا قايتۇرۇپ كەتكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، لامجاب بورجىگىن خىتاي مۇستەملىكىسىدىكى ئىچكى موڭغۇلىيەدە تونۇلغان يازغۇچى بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي موڭغۇللارغا ھەرخىل بېسىم قىلىش ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. لامجاب بورجىگىن 2019-يىلى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى خىتاي يولغا قويۇپ نەچچە مىليون كىشىنى قىرغىن قىلغان ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»غا ئائىت كىتاب يېزىپ نەشر قىلدۇرغانلىقى باھانىسى بىلەن، ئۇنى ئىككى يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. بۇ كىتابتا ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دا ھايات قالغان كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن خىتاينىڭ شۇ زاماندا موڭغۇللارغا ئىجرا قىلغان قانلىق قىرغىنچىلىق تىراگېدىيەلىرى ئاشكارىلانغان. لامجاب بورجىگىننىڭ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، خىتاي ئۇنى يەنە مۇددەتسىز ھالدا تۇرالغۇسىغا نەزەربەند قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 6-مارت تاشقى موڭغۇلىيەگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قېچىپ كەتكەن. موڭغۇلىيەدە تۇرۇپ ئۆزى تەييارلىغان ئۈچ توملۇق تارىخ كىتابىنى بېسىپ تارقىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ كىتابتا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ موڭغۇل خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تېررور سىياسەتلىرىنى ئاشكارىلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى لامجاب بورجىگىننى گۆرۈگە ئېلىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، نىيۇيوركتىكى ئىچكى موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىگە (SMHRIC) تېلېفون قىلىپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى ئۇنىڭ قىزىنى يەمچۈك قىلىش ئارقىلىق گۆرۈگە ئېلىپ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئىشقا ئارىلاشقان ب د ت مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالى كومىسسارلىقىمۇ ئۇنىڭ خىتايغا ئېلىپ كېتىلىشىنى توسۇپ قالالمىغان. لامجاب بورجىگىننىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەتتىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاسانلا ئېلىپ كېتىشىدە موڭغۇلىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي رېجىمىنىڭ تاشقى موڭغۇلىيەدىن موڭغۇللارنى قايتۇرۇپ كېتىشى بۇ ۋەقەنى قوشقاندا بەش قېتىم يۈز بەرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ