خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ قىسمەن جايلىرىغا كىرىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ قىسمەن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىش چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا دېڭىز قاتنىشى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى.

گۇاڭدۇڭ دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى 15-مايدىن 17-مايغىچە ھەر كۈنى سائەت 8 دىن 12 گىچە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ قىسمەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەربىي مەشىق داۋام قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، مەزكۇر رايونغا كىرىش چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا دېڭىز قاتنىشى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان.

ئۇندىن باشقا ۋېيفاڭ دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى 16-ماي شۇ جاي ۋاقتى سائەت 6 دىن 18گىچە ۋېيفاڭ پورتىنىڭ ئالاقىدار دېڭىز تەۋەلىكىدە راست ئوق ئېتىلىدىغانلىقى، كىرىش چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا دېڭىز قاتنىشى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان.

خىتاينىڭ داليەن دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسىمۇ 14-مايدىن 21-مايغىچە، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 16 گىچە بوخەي دېڭىز بوغۇزى ۋە خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ شىمالىدا ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغانلىقى، بۇ رايونغا كىرىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا دېڭىز قاتنىشى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان.

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە بىر تەرەپتىن تەيۋەنگە داۋاملىق تەھدىت سېلىپ، دېڭىزدىكى ھەربىي مانېۋىرىنىڭ سانى ۋە كۆلىمىنى ئاشۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 699 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2023 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق