شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھەرخىل باھانە، ۋاسىتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي رېجىمى غۇلجا دىيارىدا كەڭ تارقالغان «خەنزۇ بازىرى» ناملىق ناخشىنىمۇ چەكلىگەن.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم 13-ماي فېيسبۇك سەھىپىسىدە ھەمبەھرىلىگەن سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى غۇلجا خەلقى ئارىسىدا تارقالغان «خەنزۇ بازىرى» ناملىق ناخشىنى چەكلىگەن.
سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى مەزكۇر ناخشىنى «سەزگۈر» مەزمۇندىكى ناخشىلار قاتارىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، سىندا سۆز قىلغان كىشى باشقىلارغا «خەنزۇ بازىرى» ناملىق ناخشىنىڭ سەزگۈر مەزمۇندىكى ناخشىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ ناخشىنى يانفونلىرىدا ساقلىۋالغانلار بولسا دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، «سەزگۈر» دەپ قارالغان بارلىق ناخشا، شېئىر، كىتاب-ژۇرناللارنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن چەكلەپ كەلگەن. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ھەرخىل باھانىلەر بىلەن چەكلىمە قويۇپ نازارەت قىلىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئۆزگەرتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ