زىمىستان تورى: دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە جىنايەت ئارخىپى شەرقىي تۈركىستاندا

زىمىستان تورى 12-ماي شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلارنىڭ قانداق سەۋەب بىلەن خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن جازالانغانلىقى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى.

مەزكۇر ماقالىدە ئىنسانلار تارىختا ھەر خىل جىنايەت ئاتالغۇلىرى، ھەر خىل جازالارغا شاھىت بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇلتۇر ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى» ناملىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى غەلىتە جىنايى ئاتالغۇلارغا يولۇقمىغانلىقى، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە مىسال سۈپىتىدە «ساقچى ئارخىپلىرى»دا ئاشكارىلانغان 28 ياشلىق ئېلى جۈمە ئىسىملىك كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبىنىڭ چەت ئەلگە چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان ئائىلە ئەزاسى بولۇپ قالغانلىقى، غەلىتە يېرى ئەلى جۈمەنىڭ چەت ئەلگە چىقىشقا ئۇرۇنماي تۇرۇپلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانى ۋە شاھىتى بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قېلىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە 25 ياشلىق ئابدۇغېنى پازىلنىڭ پەقەتلا خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىشەنچسىز كىشىلەر» توپى ئىچىدىكى بىر ئەزا بولۇپ قالغانلىقى، 32 ياشلىق ئېزىز ياسىننىڭ بەش يىل بۇرۇن ئاكىسى كېرەم ياسىندىن ئۈچ كۈن قۇرئان كەرىم ئوقۇشنى ئۆگەنگەنلىكى، 33 ياشلىق ئېزىز ئىبراھىمنىڭ 2012-يىلى توي مەرىكىسىدە مۇزىكا قويۇشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقى، 51 ياشلىق ھۈسەيىن مەمەتنىڭ ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەندە نەزىر-چىراغ قىلمىغانلىقى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قانداق ۋەھشىيلەرچە جىنايەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردە قېرىنداشلىرى ۋە سەپداشلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ جەسىتىگىمۇ ئىگە بولالمىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تويلاردا نەغمە-ناۋادىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق، شېھىت بولغان ئاتا-ئانا ۋە تۇغقانلىرىغا قارىلىق تۇتقانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامىغان.

خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېر شاھىتلىرى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى تەتقىق قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2017-يىلى ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدە، 1970-، 1980- ۋە 1990-يىللىرى تۇغۇلغان ئۇيغۇرلار «ئىشەنچسىز ئەۋلادلار» دەپ بېكىتىلگەن. بۇنىڭ سەۋەبى بۇ يىللاردا تۇغۇلغان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئاچارچىلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغانلىقى، كومپارتىيەنى بىلمەيدىغانلىقى، قارشىلىق كۆرسىتىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بار كىشىلەر بولغانلىقى ئىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي دىن ئۆگىنىشكىلا ئەمەس، بەلكى دىننىڭ بىرەر ئېلېمېنتىنىڭ يۇقۇپ قېلىشىنىمۇ جىنايەت، دەپ دەۋا قىلغان.

خىتاي ھەققىدە ئاشكارىلانغان يەنە بىر دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئېغىر دەرىجىدە كەمسىتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئىسلام دىنىنى «روھى كېسەللىك» دەپ ئاتىغانلىقى، بۇ كېسەللىكنىڭ دورىسىنى بولسا «جازا ۋە تۈرمە» دەپ بىلجىرلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بۇلتۇر ئاشكارىلانغان «ساقچى ئارخىپلىرى»دا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي دۇنيا بويىچە تۇتقۇن قىلىش، تۆھمەت بىلەن جازالاش جەھەتتە رېكورت ياراتقان. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 838 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2023 17:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق