گېرمانىيە خىتاينىڭ مەخپىي «ساقچى پونكىتى»نى داۋاملىق ئىشقا سالغانلىقىنى ئەيىبلىدى

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى مەخپىي «ساقچى پونكىتلىرى»نى داۋاملىق ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى «ساقچى پونكىتلىرى»نىڭ ھەرىكىتىنى تېخىچە توختاتمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ مۇخبىرلارنى قەرەللىك كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئاشكارىلىشىچە، گېرمانىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى گېرمانىيەدىكى يەنە ئىككى ئورۇندا خىتاينىڭ ساقچى پونكىتى بار، دەپ قارايدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇلتۇر نويابىر ئېيىدا خىتاينى گېرمانىيەدىكى «ساقچى پونكىتى»نى تاقاشقا چاقىرغان. خىتاي تەرەپ بۇ يىل 2-ئاينىڭ بېشىدا جاۋاب بېرىپ، ئاشكارىلانغان «ساقچى مۇلازىمەت پونكىتى»نىڭ تاقالغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ئاتالمىش «ساقچى پونكىتلىرى»نىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە نۆۋەتتە يەنىلا خىتاي بىلەن مەزكۇر مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشمەكتىكەن.

گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئالاقىدار «ساقچى پونكىتى» نۆۋەتتە گېرمانىيەدە مۇقىم ئىشخانا تۇتماي، مەخپىي ھالدا كۆچمە ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر پونكىتقا خىتاي پۇقرالىرى ۋە چەت ئەللىكلەر ۋاكالىتەن ئىشلەيدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيە خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن باھالاپ چىققان. خىتاي گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولسىمۇ، بىراق كىشىلەر خىتاينىڭ بارغانسېرى ئىستراتېگىيەلىك رەقىبكە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 800 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2023 17:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق