خىتاي سىياسىتىنى لايىھەلىگۈچىنىڭ ئىستېپا بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

بايدېننىڭ خىتاي سىياسىتىنى قۇرغۇچىسى، ۋاشىنگتوننىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق دىپلوماتى، ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى مۇھىم تاشقى سىياسەت مۇتەخەسسىسى ۋېندى شېرماننىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستېپا بېرىپ، ھۆكۈمەتتىكى 30 يىللىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

س ن ن تۈركنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ۋېندى شېرماننىڭ پىنسىيەگە چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 73 ياشلىق ۋېندى شېرمان ۋاشىنگىتوننىڭ ھازىرقى خىتاي سىياسىتىنى بەلگىلەشتە بىر قانچە تەرەپتىن خىتايغا جەڭ ئېلان قىلىش ۋە تېخىمۇ كەڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيىسىنى لايىھىلەشتە ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئۇنىڭ ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلاپ، شېرماننىڭ دىپلوماتىيىدىكى ئۇزۇن يىللىق ھاياتىنى ماختىغان ۋە ئۇ «21-ئەسىر تارىخى يېزىلىدىغان رايون بولغان ھىندى-تېنچ ئوكيانغا ئارىلىشىشىمىزغا رەھبەرلىك قىلدى» دېگەن.

بىلىنكېن يەنە: «ئۇ كورېيە، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دوستلىرىمىز بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنى نازارەت قىلىپ، ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەر بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىش ئىستراتېگىيەسى تۈزدى» دېگەن.

شېرمان بۆلۈم خىزمەتچىلىرىگە يازغان ئىچكى ئۇچۇرىدا بولسا «دىپلوماتىيە قورقۇنچاقلار ئۈچۈن ئەمەس» دەپ، خىزمەتداشلىرىنى رىغبەتلەندۈرگەن ۋە كېلەر ئاينىڭ ئاخىرىدا پىنسىيەگە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شېرمان بۇ يىلنىڭ بېشىدا پارلامېنت ئەزالىرىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىك، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىقتىسادىي بېسىم بىلەن ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپنى قايتا قۇرۇشتىكى مۇددىئاسى ۋە ۋاسىتىسى بىلەن بىردىنبىر رىقابەتچى ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 680 قېتىم كۆرۈلدى
15/05/2023 21:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق