خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى

ئاتالمىش خىتاي «قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈشتە بولغان.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» سىياسىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 8-مايدىن 13-مايغىچە خىتاي قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى، قورچاق ئەمەلدار شۆھرەت زاكىر ئاتالمىش «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى»نى باشلاپ، شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاتالمىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا يىغىن ئاچقان.

شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنىدا: «ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك» دەپ جار سالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 612 قېتىم كۆرۈلدى
15/05/2023 21:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق