كانادا بىخەتەرلىك مىنىستىرى: كانادادا تېخىمۇ كۆپ خىتاي ساقچى پونكىتى بولۇشى مۇمكىن

كانادا ئاممىۋى بىخەتەرلىك مىنىستىرى ماركو مېندىكىنو كانادادا خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ «ساقچى پونكىتى» بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ماركو مېندىكىنو14-ماي كانادا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىغا كانادادا خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ «ساقچى پونكىتى» بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى كانادا ساقچىلىرى مونترېئالدىكى ئىككى مەھەللە مەركىزىدىكى كىشىلەرنىڭ كانادادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان خىتايلارغا تەھدىت سېلىش ياكى پاراكەندىچىلىك سېلىش قىلمىشىغا دۇچ كېلىش ئەھۋالى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇخبىرغا يەنە: «مەن كانادا خان جەمەتى ساقچىلىرىنىڭ كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىپ، چەتئەلنىڭ ئاتالمىش "​​ساقچى پونكىتى" نامىدا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئارىلىشىش قىلمىشىنى توختىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەگەر ​​ساقچى پونكىتى داۋاملىق بايقالسا، كەلگۈسىدە چوقۇم كەسكىن تەدبىر قوللىنىمىز» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 3-ئايدا كانادا ساقچىلىرى مونترېئالدىكى خىتاينىڭ ئاتالمىش «​​ساقچى پونكىتى» مەركەزلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئاينىڭ بېشىدا كانادا تاراتقۇلىرى مىنىستىر ماركو مېندىكىنونىڭ كانادادىكى بارلىق مەخپىي تور بېكەتلەرنىڭ تاقالغانلىقىنى بايان قىلغانلىقىغا قارىماي، ئاتالمىش خىتاي «ساقچى پونكىتى»نىڭ يەنىلا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

خىتاي رېجىمى بولسا ئۆزلىرىنىڭ كانادانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشنى رەت قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 519 قېتىم كۆرۈلدى
15/05/2023 21:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق