تۈركىيە ئالىي سايلام كېڭىشى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 15:15 ئۆتكەندە تۈركىيە ئالىي سايلام كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەھمەت يەنەر ئەپەندى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىغا قاتناشقان نامزاتلار ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئەھمەت يەنەر ئەپەندى باياناتىدا ئالدى بىلەن سايلام مەزگىلىدە سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن ۋە بېلەت ساندۇقىنى نازارەت قىلىش داۋامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان خىزمەتچى ۋە ۋەتەنداشلارغا ئاللاھدىن رەھمەت، ئائىلىسىگە سەبىر تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن  14-ماي ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا، جۇمھۇر رەئىسلىك نامزاتلىرىنىڭ ھېچبىرى يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبلىك ئىككىنچى ئايلانما سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ باياناتىدا، دۆلەت ئىچىدە سايلام ساندۇقلىرىنىڭ %100 تولۇق ئېچىلغانلىقىنى، دۆلەت ئىچىدە سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %88.92 كە يەتكەنلىكىنى، چەت ئەللەردىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %52.69 كە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ باياناتىدا يەنە، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە قارىغاندا رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ %49.51، كەمال قىلىچدارئوغلۇنىڭ %44.88، سىنان ئوغاننىڭ %5.17، مۇھەررەم ئىنجەنىڭ %0.44 ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا چەتئەلدە تاشلانغان بېلەتلەر ئىچىدە سىېستىمغا كىرگۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان 35 مىڭ 874 بېلەتنىڭ ھەممىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا بېرىلگەن تەقدىردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئېرىشىدىغان بېلەت نىسبىتى %49.54 بولىدىغانلىقى، ئوخشاشلا 35 مىڭ 874 بېلەتنىڭ ھەممىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇغا بېرىلگەن تەقدىردە، كەمال قىلىچدارئوغلۇنىڭ ئېرىشىدىغان بىلەت نىسبىتىمۇ %44.85 بولىدىغانلىقى، بۇنداق بولغان ھالەتتىمۇ ھەر ئىككى نامزات ئېرىشكەن بېلەت سانىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بېلەت ئۆلچىمىگە يەتمەيدىغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك ئىلگىرى ئېلان قىلغىنىمىز بويىچە، 28-ماي (يەكشەنبە) ئىككىنچى ئايلانما جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىنىڭ ئاخىردا 24-ماي كۈنى چەتئەللەردە بېلەت تاشلاش رەسمىي باشلىنىدىغانلىقىنى، تۈركىيە ئىچىدە 28-ماي كۈنى بېلەت تاشلاش باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە يەنە رەسمىي بولمىغان دەسلەپكى نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، پارلامېنت ئەزالىرى ئۈچۈن تاشلانغان ئاۋازلارنىڭ %99.86 نىڭ تارقىلىشى تۆۋەندىكىچە بولغان:

«جۇمھۇر ئىتتىپاقى %49.46، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى %35.58، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى %10.07، مىللەت ئىتتىپاقى %35.02، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى %25.33، ئىيى (ياخشى) پارتىيە %9.69 ئاۋازغا ئېرىشكەن».

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 837 قېتىم كۆرۈلدى
15/05/2023 21:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق