ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەگەر خىتاي رۇسىيەنى ئۇكرائىنادىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە ئۈندىمىگەن تەقدىردە، خىتاي بىلەن نورمال مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نورۋېگىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پىكرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە: «بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم كىشىلەر دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىك ھېكايىسىنى تەكىتلەپ، يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى تەكىتلىدى» دېگەنلەرنى داۋا قىلغان ۋە ئەگەر يېڭى سوغۇق ئۇرۇشى پارتلاپ قالسا، تېخىمۇ چوڭ ئاپەت بولۇپ، خىتاي بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان سالىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
جۈمە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مەزمۇنلار ئاساس قىلىنغان «سىياسىي مەيدان ھۆججىتى» نى ماقۇللانغان. شەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 2021-يىلى شېرىك دۆلەتلەر بىلەن يولغا قويۇلغان «ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى» دۆلەتلەر دائىرىسىدە مۇناسىۋەت مۇنبىرى تەشكىللەيدىكەن. بۇ مۇنبەرگە پەقەت خىتاي بىلەن تەيۋەنلا ئىشتىراك قىلمايدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ يادرولۇق تېمىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا تۇتقان مەيدانى قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ۋە بۇ مەيدانىنى تەڭشەش مەسىلىسى ئاساس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، خىتاي بىلەن سىياسەتنى تەڭشەش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا بولغان تايىنىشنى ئازايتىش مەسىلىسىمۇ بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاينى ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە موسكۋاغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى شەرت قىلىش مۇزاكىرە قىلىنغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىردەك: «ئەگەر خىتاي تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ رۇسىيەنى ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە مەجبۇرلىمايدىكەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن نورمال مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن نۇقتىنى تەكىتلەشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ