كانادا 8-ماي ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قاراتقان تەنقىدىي سۆزلىرى سەۋەبلىك كانادا پارلامېنت ئەزاسى مايكىل چۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي دىپلوماتنىڭ قوغلانغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي رېجىمى قانۇنسىز ھالدا مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان ۋە كېيىنچە 20 يىللىق قاماققا ئۆزگەرتىلگەن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى قايتا كۈنتەرتىپكە كەلدى.
«تورونتو يۇلتۇزى» گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى بىراين دېمىڭ 11-مايدىكى ئوبزورىدا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دىپلوماتنى قوغلاپ چىقىرىش مەسىلىدە توغرا قەدەم باسقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سەۋەبسىزلا خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى خىتايغا قايتا ئەسكەرتىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە سۆزلەشتىن باشقا گۇناھى يوقلۇقىنى ۋە 17 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاي دىپلومات ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلغان مايكىل چۇڭنى نىشان قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ جازاغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: «كانادانىڭ مەزكۇر خىتاي دىپلوماتنى قوغلاپ چىقىرىشى مۇۋاپىق. ئەمما كانادا ھۆكۈمىتى ۋە كانادالىقلار تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر ھوقۇقى ھەققىدە سۆزلەشكە جۈرئەت قىلغان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇ ۋە باشقا ئۇيغۇرلارغا ئادالەت تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.
ئۇندىن باشقا كانادا ھۆكۈمىتى يېقىندا 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىنى پارلامېنتتا قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر جىددىي ئويلىشىلغان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر ھازىر ئىجرا قىلىش باسقۇچىغا ئۆتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر