ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان بىلەن خىتاي مەركىزىي سىياسىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ يى بىلەن تەيۋەن، جاسۇسلۇق شارى، ئۇكرائىنا ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە ئون سائەتكە يېقىن سۆھبەتلەشتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان 10- 11-ماي كۈنلىرى ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا خىتاي مەركىزىي سىياسىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى بىلەن سۆھبەتلەشكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار مۇخبىرغا ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى كۈن ئىچىدە تەخمىنەن ئون سائەت سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى ئادام ھودگ تارقاتقان سۈرەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تەرەپتىن سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغانلار ئىچىدە، ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى خىتاي ۋە تەيۋەن ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىرېكتورى ساراھ بارون ۋە مۇئاۋىن مۇدىر رۇش دوشى، دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى تىنچ ئوكيان ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچى ئەزاسى كۇرت كامپبېل، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مەسئۇلى دانىيال كرىتېنبرىنك قاتارلىقلار بار ئىكەن.
دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە 11-مايدىكى سۆھبەتتە يېڭىشكە تېگىشلىك بولغان بىرەر مەسىلىنىڭ يوقلىقىنى، سۆھبەتنىڭ ناھايىتى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئىجابىي بولغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ قارشى تەرەپ بىلەن پىكىر پەرقى ۋە ئىختىلاپنىڭ بارلىقىنى، بەزى مەسىلىلەردە قارشى تەرەپنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىكىنى، ئەمما دىپلوماتىك خىزمەتنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ بىرى مەيدانىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئالاقە يوللىرىنى ئوچۇق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەيۋەن مەسىلىسىدىكى باياناتتىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ سەمىمىي، ئىجابىي مۇزاكىرىدە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن كۇپايە قىلغان بولۇپ، تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى بولسا «سۇلىۋان ۋاڭ يىغا ئامېرىكىنىڭ "تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى"، "ئۈچ بىرلەشمە بايانات، ئالتە كاپالەت"نى ئاساس قىلغان ھالدا بىر خىتاي سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئامېرىكا ھازىرقى ھالەتنىڭ بىر تەرەپلىمە ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرىدۇ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ، دېدى» دېگەندەك خەۋەرلەرنى تارقاتتى.
سۇلىۋان بىلەن ۋاڭ يى يەنە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ رۇسىيەگە ھەربىي ياردەم قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، ئەمما مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ