خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 10-ماي داۋام قىلىۋاتقان «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ۋە نۆۋەتتىكى تاشقى ئىشلار بىخەتەرلىك سىياسەت مەسىلىلىرى ئىستراتېگىيەلىك مۇزاكىرە يىغىنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا مەكتۇپ ئەۋەتتى.
مەكتۇپتا خىتاينىڭ يەر شارىدا كېڭەيمىچىلىك قىلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ۋە موڭغۇلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردا باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ رايوندىكى كېڭەيمىچىلىكنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان دەھشەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خەلقئارادا كېڭەيمىچىلىك قىلىشى ئۈچۈن جۇغراپىيەلىك، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بايلىق نوقتىسىدىن زور ئەھمىيىتى بار دەپ قارىغانلىقى سەۋەبلىك، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئارقىدىن خەلقئارا جەمئىيەتتە زومىگەرلىك قىلىش تەسەۋۋۇرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەكتۇپتا يەنە ئەھۋالنىڭ شۇنچە ئېغىر بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئارقىلىق خەلقئارا تىنچلىقنى بۇزۇش قىلمىشىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەل قىلىشتىكى ھەربىر ئۇرۇنۇشىنى قەتئىي رەت قىلىپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى جار سېلىپ، خەلقئارا تىنچلىق تەرتىپىنى بۇزغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئويلىشىپ، يېڭىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىئىنەزىرىنى بەرپا قىلىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.
مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقنى قوغداشنى نىشان قىلغان ھالدا خىتايغا بېسىم قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشقا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئالدىدىكى قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، خىتاينى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن بېسىم قىلىشقا چاقىرىمىز» دېيىلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ