خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىنغا نارازىلىق بىلدۈردى.
ۋاڭ يى تورىنىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، باياناتچى ۋاڭ ۋېنبىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئەركىنلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، دىكتاتور رېجىملارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا قۇلايلىق يارىتىۋاتقان پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى زۇلۇم ماشىنىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مىسال سۈپىتىدە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق جايلاردا خەلقنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، گېن ئاساسىدىكى نازارەتنى يولغا قويغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟» دەپ سوئال سورىغان بولۇپ، ئۇ جاۋابىدا: «ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرى كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي سىرى قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
ۋاڭ ۋېنبىن سۆزىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى كەڭ دائىرىدە توپلىغان ۋە ئىشلەتكەن دۆلەت ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 9-ماي خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت ۋە چىڭخەي رايونلىرىدا كەڭ كۆلەمدە DNA ئەۋرىشكىسى توپلىغانلىقىغا ئائىت پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى، يەرلىك ساقچىلار كەڭ كۆلەمدە ھەرىكەت قىلىپ، ئاتالمىش «جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدا DNA ئەۋرىشكىسى توپلىغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ يېزىلارغا ئىچكىرىلەپ بېرىپ، ئۆيمۇئۆي قان ئەۋرىشكىسى توپلىغانلىقىنى، بەش ياشتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ ھەممىسىدىن مەجبۇرىي قان ئەۋرىشكىسى يىغقانلىقىنى، خەلق ئاممىسى رەت قىلالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، DNA ئەۋرىشكىسى توپلاش تىبەتتىن يىللار بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ يولغا قويۇلغان بولۇپ، بىلىنكېن بۇ قېتىمقى ئەركىنلىك سارىيىدا سۆزلىگەن نۇتقىدىمۇ بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ: «يۇقىرى سەۋىيەدىكى بىئولوگىيەلىك تېخنىكىلار خىتاينى گېن ئاساسىدىكى نازارەتكە مۇيەسسەر قىلدى. خىتاي بۇ تېخنىكىنى ھازىر ئۇيغۇرلارغا كۆپلەپ تەتبىق قىلىۋاتىدۇ. ھازىر بۇ ھال تىبەت رايونىغىمۇ كېڭەيمەكتە» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ