شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا بېرمىدىكى داۋالغۇشقا ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەتكە بولغان ئەندىشىلەر مۇھىم نۇقتا بولدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 42-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى 10-ماي ھىندونېزىيەنىڭ لابۇئان باجودا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا بېرمىدىكى داۋالغۇش ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بېرما ئارمىيەسى 2021-يىلى 2-ئايدا ئاڭسان سۇكى رەھبەرلىكىدىكى سايلانغان ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھۆكۈمەتنى كونترول قىلغاندىن بۇيان، بېرما قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغان. گەرچە بېرما يەنىلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولسىمۇ، لېكىن ھەربىي ھۆكۈمەت ھازىرغا قەدەر ئىككى يىل ئىلگىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىككە كەلگەن تىنچلىق پىلانىنى ئىجرا قىلالمىغان.
خەۋەردە ھەربىي ھۆكۈمەت دۈشمەنلىشىشنى توختاتمىغۇچە، شۇنداقلا تىنچلىق سۆھبەتنى باشلاپ، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ تولۇق كىرىشىگە يول قويمىغۇچە، يىغىنغا قاتنىشىشى چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ قېتىممۇ ھەربىي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشتۇرۇلمىغان.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى باشلىقلىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز بېرمىدا داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىقتىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمىز. ھەر خىل شەكىلدىكى زوراۋانلىق ۋە قورال كۈچى ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىش كېرەك» دېيىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ۋە بېرمىنىڭ شەرقىي شەن ئۆلكىسىدىكى كۆچمەنلەرنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغان ياردەم ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ