زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ئۆمەر ئارىسوي، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى زەيتىنبۇرنۇ شۆبە رەئىسى سەلامى دەلىبالتا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىككىنچى رايون كاندىدات پارلامېنت ئەزاسى شەۋكى شار قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن قاتارلىقلار بىرلىكىنىڭ ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

سۆھبەت جەرياندا مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقلىرى تونۇشتۇرۇلدى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1265 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2023 21:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق