خىتاي ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش نامىدا خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى بويىچە، قەشقەر ۋىلايىتىگە ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ۋىلايەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى» نامىدا «2023-يىللىق قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كەسپىي ئورۇنلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا خىتاي ئۆلكىلىرىدە تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن 160 كىشىنى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغانلىقى، تىزىملىتىش ۋاقتىنىڭ 28-ئاپرېلدىن 15-مايغىچە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى بۇ قېتىم ئاتالمىش «قەشقەر ۋىلايىتى جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى يولغا قويۇش چارىسى»گە ئاساسەن، قەشقەر ۋىلايىتىگە كۆچۈرۈپ كەلگەن ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلار»نى تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئۇندىن باشقا، ئىختىساسلىقلار قاتلىمى تۈرى (سەرخىل ئىختىساسلىقلار، تايانچ ئىختىساسلىقلار، ياش زاپاس ئىختىساسلىقلار)گە ئاساسەن، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 200 مىڭ سوم، 150 مىڭ سوم، 50 مىڭ سوم بولۇپ، بەش يىلغا بۆلۈپ تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىدىكەن. خىتاي ئاققۇنلىرى قەشقەردە تۇرغان ۋاقتى بەش يىل توشۇپ باھالاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھەقسىز ئۆيگە ئېرىشەلەيدىكەن ياكى «ئىختىساسلىقلار قاتلىمى»نىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قاراپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 400 مىڭ سوم، 200 مىڭ سوم، 50 مىڭ سوم ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى ئالالايدىكەن.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئالدى بىلەن ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئاندىن يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا باشقا يۇرتلارغا، ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا شارائىت ھازىرلىغان. ئۇلارنىڭ ئورنىغا بولسا خىتاي ئاققۇنلىرىنى ھەرخىل ئېتىبار سىياسەتلىرى بىلەن يەرلەشتۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 637 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2023 21:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق