بېرلىندىكى ئۇيغۇرلار گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتا خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىغا قارشى نامايىش قىلدى.
قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بېرلىندىكى ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ بىناسى ئالدىدا، مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتايغا ھەمكارلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا قارشى نامايىش قىلغان.
مەزكۇر نامايىش ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ يىللىق ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىلغان ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋولكىسۋاگېن شىركىتى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى توماس شافېرنىڭ باش سۈرىتى، دىكتاتور شى جىنپىڭنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن نىقابنى تاقاپ، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بىر تەرەپتىن تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قىرغىن قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى زاۋۇتلاردا ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان. ئۇندىن باشقا تۈرمە ۋە لاگېر سىرتىدا قالغان خەلقنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۈزۈملەر بىلەن كونترول قىلىپ، خىتاي ۋە چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان. شەرقىي تۈركىستان خىتايلارغا نىسبەتەن ساياھەت رايونى بولغان بولسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە نىسبەتەن ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ