ياپونىيە تەيۋەن بوغۇزىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇردى

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، تەيۋەن بوغۇزىغا يېقىن ئارالغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان.

تۈركىيە خەۋەرلىرىنىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە دۆلەت بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى مىياكو ئارىلىغا ۋەتەنپەرۋەر (PAC-3) ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى ھىروكازۇ ماتسۇنو ياپونىيە ھاۋا مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىدىكى مىياكو ئارىلىغا ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە شىمالى كورىيەنىڭ يىراق مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.

ياپونىيە دۆلەت تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، PAC-3 باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئوخشاش رايوندىكى ئىشىگاكى ۋە يوناگۇنى ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئوكىناۋادىكى مىياكو، يوناگۇنى ۋە ئىشىگاكى ئارىلى ياپونىيەنىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا ئەڭ يېقىن رايون ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 825 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2023 21:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق