تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كېڭەيتىلگەن كېڭەش ھەيئىتى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

 

 9-ماي ئىستانبۇلدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ 2023-يىلىدىكى 2-نۆۋەتلىك كېڭەيتىلگەن كېڭەش ھەيئىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئىچىدىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى قاتناشقاندىن باشقا ياۋروپا، كانادا، ئاۋىستىرالىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ھىندىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى، دىنىي ئۆلىمالار، ئاكادېمىكلار، ئاقساقاللار قاتناشتى.

يىغىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللامنىڭ قۇرئان تىلاۋىتىدىن كېيىن، تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن داۋام قىلدى.

ئۇ سۆزىدە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ يېقىنقى خىزمەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى ۋە قىلىنماقچى بولغان مۇھىم خىزمەتلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئارقىدىن بىرلىك باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى خىزمەت دوكلاتىنى تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، يىغىنغا بىۋاسىتە ۋە تور ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردىن قاتناشقان ۋەكىللەر ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

ئارقىدىن بارلىق ۋەكىللەر خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىدا روياپقا چىقارماقچى بولغان پىلان تۈرلىرى، تۈركىيەدىكى سايلام مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئى.ئۆتكۈر

 

بۇ خەۋەر 1492 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2023 17:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق