تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا ھەققىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانى 400-S تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەش تەكلىپىنى رەت قىلدى.

تۈركىيە خەۋەرلىرى تورىنىڭ 9-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە رۇسىيەدىن سېتىۋالغان 400S- تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بىلەن ئۇكرائىنانى تەمىنلەش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە ««S-400 ھەققىدە ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن تەكلىپلىرى بارلىقىنى، تىزگىنلەش ھوقۇقىنى ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئېيتقانلىقىنى ۋە بۇ تەكلىپنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم تۈركىيەنى 400S- بىلەن ئۇكرائىنانى تەمىنلەشكە دەۋەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىشى ئەمەس ئىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر قىلىشىچە، بۇلتۇر 2-ئايدا ئۇكرائىنا كىرىزىسى كۈچىيىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانى 400-S  بىلەن تەمىنلىشىنى  غەيرى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويغان.

تۈركىيە 2017-يىلى رۇسىيە بىلەن 400S- سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغانىدى. ئەمما نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە ئۆزى قارشى تۇرغان مەزكۇر 400S- تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بىلەن ئۇكرائىنانى تەمىنلەش تەكلىپىنى بەرگەنلىكى دىققەت قوزغىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 616 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2023 17:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق