خىتاي كانادا ھۆكۈمىتىدىن ئۆچ ئېلىپ كانادا دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقاردى

خىتاي كانادا ھۆكۈمىتىدىن ئۆچ ئېلىپ، كانادا دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قىلمىشلىرىدىن قورقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدو 9-ماي خىتاينىڭ كانادا كونسۇلىنى قوغلاپ چىقىرىشىدىن قورقۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارىنى كانادانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش قىلمىشى سەۋەبلىك خىتاينى ناھايىتى ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جاستىن تىرۇدو مۇخبىرلارغا خىتاينىڭ كانادانى خىتاي-كانادا مۇناسىۋىتىگە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى، ئەمما كانادانىڭ ھەر قانداق مەسىلىدە خىتاينىڭ قىلمىشلىرىدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا خىتاي دىپلومات خادىمىنى قوغلاپ چىقىرىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، خىتاي كانادادىن ئۆچ ئېلىپ كانادانىڭ شاڭخەيدىكى دىپلوماتى جېننىفېر لالوندېنى قوغلاپ چىقارغان. خىتاي بۇ تەدبىرنى كانادانىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغان ھەرىكەتلىرىگە قارشى قوللانغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي يەنە كانادانىڭ خىتاي دىپلوماتلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە دىپلوماتىك قائىدىگە خىلاپلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ھەيۋە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىنكاس قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جولى 8-ماي بايانات قىلىپ: «خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق دىپلوماتى جاۋ ۋېينىڭ قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس دەپ قارار قىلىندى» دېگەنىدى.

ئۇ يەنە: «مەن چەت ئەلنىڭ ھەر قانداق تەرىقىدە ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەگەر كانادادا تۇرۇشلۇق ھەرقانداق دىپلومات خادىمى بۇ خىل قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، ئۇلار قوغلاپ چىقىرىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 643 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2023 16:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق