خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنى تېخىمۇ يېنىغا تارتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىرى خىتايدا زىيارەتتە بولىدىكەن.
خىتاي سىياسىي كېڭەش ئورگان تورىنىڭ 9-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپپاروف، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى راخمان، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيايوفلارنىڭ 16-مايدىن 20-مايغىچە خىتايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى سەۋەبلىك رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالغانلىقىدىن ئىبارەت پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنى يېنىغا تارتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ولۇپ، خىتاي بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا بولغان قورشاۋنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى پىلانلىغاندىن باشقا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنى مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن ئاساس سېلىشقا ئۇرۇنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ