خىتاي-ئافغانىستان-پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ كېلەچىكىگە مەركەزلەشكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 9-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ، ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ مۇۋەققەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىرخان مۇتتەقى ۋە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارى ئىسلامئابادتا بەشىنچى نۆۋەتلىك خىتاي-ئافغانىستان-پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دىيالوگى ئۆتكۈزگەن.
ئۇلار يىغىندىن كېيىن 9-ماي بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، تىنچ، مۇقىم ۋە گۈللەنگەن ئافغانىستاننىڭ بۇ رايوننىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى، خىتاي، ئافغانىستان ۋە پاكىستان ھەمكارلىشىپ، رايون ۋە يەر شارى بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان بىخەتەرلىك خىرىسلىرىنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكى، بۇنىڭ پۈتكۈل رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
باياناتتا يەنە ئۈچ تەرەپ ئافغانىستاننىڭ رايوندىكى ئالاقە مەركىزى بولۇشتەك يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي-ئافغانىستان-پاكىستاننىڭ ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ ئافغانىستانغا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەنگەن.
بىرلەشمە باياناتتا: «ئۈچ تەرەپ بىخەتەرلىك، تەشكىللىك جىنايەت ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ جەھەتتە ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر ماتېرىيال، ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرىمىز، پاكىستان تالىبانلىرى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق شەخس، گۇرۇپپا ياكى سىياسىي پارتىيە ئۆز زېمىنلىرىدىن پايدىلىنىپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر ئافغانىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى يەنە قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قېلىشى خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ياكى مەغلۇبىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئالاقىدار تەشكىلاتلار ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستان رايونىغا كېڭىيىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي تالىبانلارنى ھەر خىل ھىيلە-نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ پىلانىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ