خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9-ماي ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:12 دە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.07 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.84 گىرادۇس) 3.1 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
خىتاي رېجىمى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئائىلە ئولتۇراق رايونىدا يۈز بەرگەن ياكى ئادەمسىز تاغلىق رايوندا يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ