خىتاي پاكىستان ئارمىيەسىنى ھەمكارلىق نامى بىلەن قولغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە، يېڭى يوچۇق ئىزدەشكە باشلىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 8-ماي پاكىستاننىڭ دېڭىز ئارمىيە ئىشتاب باشلىقىغا: «دېڭىز ئارمىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى رايونلارنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەت بىر قانچە يىلدىن بىرى داۋام قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى بىر-بىرىنىڭ زېمىنىدا ئىككى تەرەپلىك مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مالاككا بوغۇزىدا دېڭىز قامال قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ئەرەب دېڭىزىغا كىرىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئەمما خىتاينىڭ بۇ رايونغا بولغان قىزىقىشى 2017-يىلى ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي شىمال چېتىدىكى جىبۇتىدا چەتئەلدىكى تۇنجى ھەربىي بازىسىنى ئاچقاندىن كېيىنلا باشلانغان. چۈنكى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلغان ھىندىستان مەلۇم تەدبىرلەرنى يولغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ شىتاپ باشلىقى ئامجاد خان نىيازغا، ئىككى تەرەپ ھەربىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ھازىرغا قەدەر، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي مەبلەغ سالغان گۋادار پورتىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن ياكى كىرمىگەنلىكى ئاشكارىلانمىغان.
بەشبۇرجەكلىك بىنا بۇنىڭدىن ئىلگىرى، پاكىستاننىڭ كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ھەربىي بازىسىغا ئايلىنىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، خىتاينىڭ ھەربىي بازىسى بولۇپ قالىدىغان جاينىڭ دەل گىۋادار پورتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ