ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئۈنۈملۈك تەكلىپ سۇنغان كانادا پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تەھدىت سالغان بولغان خىتاي دىپلوماتىنىڭ قوغلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا 8-ماي ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قاراتقان تەنقىدىي سۆزلىرى سەۋەبلىك كانادا پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي دىپلوماتنىڭ قوغلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جولى باياناتىدا: «خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق دىپلوماتى جاۋ ۋېينىڭ قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس دەپ قارار قىلىندى» دېگەن.
ئۇ يەنە: «مەن كانادانىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى چەتئەلنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەگەر كانادادا تۇرۇشلۇق ھەرقانداق دىپلومات خادىمى بۇ خىل قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، ئۇلار قوغلاپ چىقىرىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادادىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە 3-ماي ئوتتاۋانىڭ كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزاسى مايكېل چوڭنىڭ تۇغقانلىرىغا تەھدىت سالماقچى بولغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.
4-ماي كانادانىڭ «يەر شارى پوچتا گېزىتى» مەخپىي ھۆججەتلەر ۋە نامسىز مەنبەلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەپتە بېيجىڭ دائىرىلىرى مايكېل چۇڭنىڭ خوڭكوڭدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان تۇغقانلىرى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولۇۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى «باشقىلارنىڭ خىتايغا قارشى پوزىتسىيە ۋە مەيداندا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.
كانادا پارلامېنتى مايكېل چۇڭ 2021-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي شۇنىڭدىن كېيىنلا مايكېل چۇڭغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ مايكېل چۇڭنىڭ تۇغقانلىرىغا تەھدىت سالغان ۋە بۇ خىل رەزىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇنى قورقۇتماقچى بولغان.
خىتاينىڭ تورونتودىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە يالغان بايانات ئېلان قىلىپ، كانادادىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە سىياسىيونلارنىڭ مەقسەتلىك ھالدا خىتاي كونسۇلخانا ئەمەلدارلىرىنىڭ كانادا ئاۋام پالاتا ئەزاسىنىڭ تۇغقانلىرىغا تەھدىت سېلىش ۋەقەسىگە قاتناشقانلىقىنى يالغاندىن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك بايانلارنىڭ پاكىت ئاساسى يوقلىقىنى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق رەزىل قىلمىشىدىن تىنىۋېلىشقا ئۇرۇنغانىدى. گەرچە خىتاي رېجىمى بۇ رەزىل قىلمىشىغا تېنىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي دىپلوماتىنىڭ قورقۇتۇشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى راست بولۇپ چىققان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ