ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتى قانۇن ماقۇللاپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىشتاتتا يەر ئىگىلىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، نۆۋەتتە يەنە ئامېرىكىدىكى ئون نەچچە ئىشتات بۇنىڭغا ئەگىشىشنى ئويلاشماقتىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 8-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىشتاتتا يەر ئىگىلىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسى ئىشتات پارلامېنتىدا ماقۇللىنىپ، ۋالىي رون دېسانتىس نىڭ ئىمزالىشىغا ئەۋەتىلگەن. بۇ قانۇن 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەسى يەرلىكتىكى خىتايلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
«SB 264: چەت ئەل مەنپەئەتى» ناملىق قانۇن لايىھەدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ فلورىدادا ئۆي-مۈلۈك سېتىۋېلىش ياكى مۇقىم مۈلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇ ساھەدە چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشى چەكلەنگەن. مەزكۇر قانۇن تەكلىپى فىلورىدا ئاۋام پالاتاسى ئالدىنقى ھەپتە 95 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 17 ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى، كېڭەش پالاتاسىدا 31 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 8 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە ماقۇللانغان.
بۇ قانۇن لايىھەسىدە يەنە رۇسىيە، شىمالى كورېيە، ئىران، كۇبا، ۋېنېزۇئېلا ۋە سۇرىيە قاتارلىق «چەتئەل دۈشمەن دۆلەت» پۇقرالىرىنىڭ ھەربىي بازا ياكى ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ 1 مىل دائىرىسى ئىچىدە يەر سېتىۋېلىشى چەكلەنگەن. ئەمما خىتاي پۇقرالىرىلا بارلىق ئىشتات مىقياسىدا ھەر قانداق شەكىلدە يەر سېتىۋېلىشى چەكلەنگەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قىسمىدا قولىدا خىتاي ۋىزىسى بارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا، ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرغانلارنىڭ بىر يۈرۈش ئۆيى بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدىكەن. ئىلگىرى ۋالىي دېسانتىس ئۆتكەن يىلى فوكىس خەۋەرلىرى تورىنىڭ پىروگراممىسىغا ئىشتىراك قىلغاندا خىتاي ئورگانلىرىنىڭ ئىشتاتتا تۇرالغۇ ئۆي-مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىنىڭ چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنى نۇرغۇن كىشىلەر تەنقىدلىگەن. ئالدىنقى ھەپتە شەنبە كۈنى ئامېرىكىدا يەرلىشىپ قالغان خىتايلار فىلورىدا ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ سىرتىغا يىغىلىپ: «فىلورىدا بىزنىڭ ئائىلىمىز» دەپ شوئار توۋلاپ، بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ