فىلىپپىن پىرېزىدېنتى: «ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرسە، فىلىپپىننىڭ ھەربىي بازىلىرى پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس 4-ماي ئامېرىكىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.
ئۇ مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە زورلۇق بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ قالسا، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندىكى ھەربىي بازىسىنىڭ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ماركوس بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر ئاقىللار ئامبىرى پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، پائالىيەتتە قىلغان نۇتقىدا ئۆزىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭغا ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندىكى ھەربىي بازىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارلىتو گالۋېز ئامېرىكا مەبلەغ سالغان باركا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى ھاۋا يولى رېمونت قىلىش تۈرىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمىدا: «ئىككى تەرەپ كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى جىددىي داۋام قىلماقتا. كەلگۈسىدە بىز ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ماركوس ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشلەتمەكچى بولغان يېڭى ھەربىي بازىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان پالاۋان ئارىلى، شۇنداقلا شىمالىي ۋە جەنۇبىي رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى دەلىللەپ، ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، فىلىپپىننىڭ مۇرەككەپ ۋە مۆلچەرلىگۈسىز تاشقى تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەشكە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ