تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىنىڭ يوليورۇقى بىلەن، 6-ماي يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى ساياھەت قىلدۇرۇلدى.
ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرگە ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئىستانبۇل بوغۇزدا ساياھەت قىلدۇرۇلدى. ئۆسمۈرلەر دېڭىز ساھىلى بىخەتەرلىكىنى قوغداش پاراخوتى بىلەن ئوسمان غازى كۆۋرۈكى، ياۋۇز سېلىم كۆۋرۈكى ئەتراپىدا ساياھەت قىلدۇرۇلدى. بىرىنچى گۇرۇپپا بولۇپ ساياھەت قىلغانلار قايتىپ كەلگۈچە، ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى ئۆسمۈرلەر دېڭىز ساھىلىدا ئوينىدى.
بۇ جەرياندا ئۆسمۈرلەر پاراخوتتا تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەك، تاتلىق-تۈرۈملەر بىلەن مېھمان قىلىندى. شۇنداقلا ئوغۇللارغا ئويۇنچۇق ماشىنا، قىزلارغا قونچاق ھەدىيە قىلىنغاندىن باشقا، بارلىق بالىلارغا نەق پۇل ھەدىيە قىلىندى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ