خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس بىلەن كۆرۈشتى.
چىن گاڭ مەزكۇر ئۇچرىشىشتا خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، مۇناسىۋەتتىكى پاسسىپلىقلارنى تەمكىن، كەسپىي ۋە ئەمەلىيەتچىل بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە خىتاي بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ ۋە تەڭ پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق پىرىنسىپىنى قوللىنىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
چىن گاڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ: «دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىر قاتار خاتا سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى تەستە قولغا كەلگەن ئاكتىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى بۇزۇپ تاشلاپ، پىلانلانغان سۆھبەت ۋە ھەمكارلىق كۈنتەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇردى ھەمدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە سوغۇقچىلىق ئېلىپ كەلدى. بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇناسىۋەتنىڭ سىجىل تۆۋەنلىشىدىن ساقلىنىش ۋە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا قىيىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەنلەرنى دەۋا قىلغان.
ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى، تەيۋەن مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش، ئاتالمىش «بىر خىتاي پرىنسىپى»غا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىش ھەمدە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان «بۆلگۈنچى كۈچلەر»نى قوللاش ياكى ھەمكارلىشىشنى توختىتىش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەۋەرلەردە باش ئەلچى بۇرنىسنىڭ نېمە دېگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىلمىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر