خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا توختاۋسىز ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى داۋام قىلىۋاتقان ۋە ھەر تۈرلۈك يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيەدە خىتايغا سادىقلىقى بىلەن تونۇلغان سابىر بۇغدا قاتارلىق خىتايپەرەسلەرنىڭ ئاكتىپ ھەسسە قوشۇشى بىلەن جەم بولغان 20 كىشىلىك ئۆمەكنىڭ 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭ، خوتەن، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە زىيارەتتە بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ئالاھىدە كۈتۈۋېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى.
خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە مەزكۇر ئۆمەك ئىنتايىن مەخپى تۇتقان مەزكۇر زىيارەتكە ئالاقىدار خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن، خىتاي رېجىمى ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىۋاتقان خىتايپەرەسلەرنىڭ ئالاقزادە بولۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ كەلگەنىدى. نۆۋەتتە ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ زىيارىتى ھەققىدە يەنە بىر يىپ ئۇچى ئېنىقلاندى.
مەزكۇر ئۆمەك «تۈركىيەدىكى شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار ساياھەت ئۆمىكى» سۈپىتىدە ئالاھىدە كۈتۈۋېلىغان بولۇپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» مۇھاجىرلار ئىشخانىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن قىزل تاشلىق كىتاپ تارقىتىپ بېرىلگەن ۋە ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى خىزمىتى، مەزكۇر ئۆمەك خىتاي مەركىزىي پارتكوم ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون» دەرىجىلىك كادىرلاردىن كىملەرنىڭ كۈتۈۋالغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.
تىزىملىكتە ئالدى بىلەن مەزكۇر ئۆمەكتىكى كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ:
زەينەش ئىسمائىل - تۈركىيە-خىتاي يىپەك يولى جەمئىيىتى رەئىسى.
ئەنقەر ئۆتكۈر – خىتاي-تۈركىيە يېڭى ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى.
ئەرەفات ئادىلجان - خىتاي-تۈركىيە يېڭى ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ سېكرىتارى ۋە خىتاي ئەلچىخانا خادىمى.
دىليار يىلدىرىم - خەلقئارا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مائارىپ ئىتتپاقىنىڭ رەئىسى.
پەرىدە ئەنۋەر - تۈركىيە ئەنقەرە مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى.
لىڭ خۇڭ لىڭ - ئىزمىر خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى.
يارقىن تاي ئىسلام - تۈركىيە - خىتاي تىنچلىق بىرلىكى جەمئيىىتنىڭ ئەزاسى.
سابىر بۇغدا – ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى رەئىسى.
ئادىلە ۋەلى - ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى، سابىرنىڭ كاتىپى.
مەۋلۇدە ئەزىز - تۈركىيە - خىتاي مۇھاجىرلار خانىم قىزلار بىرلەشمىسى رەئىسى.
خالمەت - تۈركىيە خىتاي دوستلۇق تىجارەت جەمئىيىتى رەئىسى.
مەمەتنىياز، مۇنىرە مۇخەن، مۇنىرە ئۆز تۈرك، دىلنۇر قىستار، ماھىنۇر سالىھ قاتارلىقلار ۋە سابىر بۇغدا بىلەن پەرىدەنىڭ ئوغلى قاتناشقان بولۇپ، خىتاي مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل تۆۋەندىكى ئالتە خادىمى ئۇلارغا ھەمراھ بولغان.
1. جاڭ چېڭ - خىتاي مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمى 8-ئىدارىسى 5-باشقارمىسىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى.
2. گۈەن ۋېيۋىن - خىتاي مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمى 9-ئىدارىسى 5-باشقارما خادىمى.
3. يۈ رۈيمىن – خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كونسۇلخانا ئىشلىرى ئىدارىسى مۇھاجىرلار بۆلۈمى مەسلىھەتچىسى.
4. ماۋ يۈسىن - خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كونسۇلخانا ئىشلىرى ئىدارىسى مۇھاجىرلار بۆلۈمى كادىرى.
5. ۋاڭ يۇڭ - خىتاينىڭ تۈركىيە ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسى مەسلىھەتچىسى.
6. ياڭ پەن - خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسى دىپلوماتى.
بۇلاردىن باشقا يەنە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون»دىن ئىككى كىشى ھەمراھ بولغان بولۇپ: ئۇلار:
1. لى فۇچاڭ – ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم» بىرلىكسەپ بۆلۈمى مۇئاۋىن باشلىقى.
2. يى پۇلۈن - ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم» بىرلىكسەپ بۆلۈمى مۇھاجىرلار ئىشلىرى باشقارما باشلىقى.
خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلاش سېپىدىكى مەزكۇر خىتايپەرەسلەرنىڭ خىتاي مەركىزىي ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق» رېجىمى تەرىپىدىن مەخسۇس كۈتۈۋېلىنىپ، زىيارەتتە ھەمراھ بولۇشى خىتاينىڭ بۇلاردىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر