ئانادولۇ ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيە 2023-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ خىتايدىن ئالتە پاراخوت سېتىۋالغان.
خەلقئارا دېڭىز-ئوكيان تەشكىلاتى خەلقئارا ئۇنىۋېرسال توشۇش ئۇچۇر سىستېمىسىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ بايراقدار يۈك پاراخوتى «شىن خوڭشياڭ 77» 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قايتا «Taeryeong 3» دەپ تىزىمغا ئېلىنغان ۋە شىمال بايرىقى ئاستىدا ساياھەت قىلىشقا باشلىغان. «Taeryeong 3» شىمالى كورىيەنىڭ يىل بېشىدىن باشلاپ خىتايدىن سېتىۋالغان 6-پاراخوتى ئىكەن.
پيوڭياڭ ھۆكۈمىتى 1-ئايدىن باشلاپ سېتىۋالغان پاراخوتلارنىڭ ھەممىسى شىمالىي كورىيەنىڭ پاراخوتى سۈپىتىدە تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن ئىلگىرى خىتاي شىركەتلىرىگە تەۋە بولغانىكەن. شىمالى كورىيەنىڭ بۇ يىل خىتايدىن يەنە بەش پاراخوت سېتىۋالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2007-يىلى ياسالغان، 2985 توننا يۈك توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە «Taeryeong 3» ناملىق پاراخوتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 97 مېتىر، كەڭلىكى 16 مېتىر ئىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2016-يىلى نويابىردا ماقۇللىغان 2321 نومۇرلۇق قورال ۋە سودا ئېمبارگو قارارىغا ئاساسەن، ب د ت غا ئەزا 192 دۆلەتنىڭ ھەممىسىنىڭ شىمالى كورىيەگە پاراخوت سېتىش، يۆتكەش ياكى تەمىنلەش مەنئى قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ شىمالى كورىيەگە پاراخوت سېتىپ بېرىشى ب د ت نىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر