ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنى قوللىغان يەتتە خىتاي شىركىتىگە جازا بېرىشنى پىلانلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش سانائىتىنى قوللىغان، دەپ گۇمان قىلىنغان يەتتە خىتاي شىركىتىگە جازا بېرىشنى پىلانلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن جازا تىزىملىكىدە يەتتە خىتاي شىركىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ ھەپتە مۇزاكىرە قىلىدىغان يېڭى جازا پىلانىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، جازا تىزىملىكى خىتايدىكى ئىككى شىركەت HC3 يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتى ۋە جىنپەي تېخنىكا شىركىتىنى ۋە شۇنداقلا خوڭكوڭدىكى سىننو ئېلېكتىرون شىركىتى، سىگما تېخنىكىسى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئۇلىنىشى، توردان سانائىتى ۋە ئالفا سودا مەبلىغى قاتارلىق بەش شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىش تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە 14 ئاي ئىلگىرى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان، رۇسىيەلىك شەخس ۋە شىركەتلىرىگە ئون قېتىم جازا يۈرگۈزگەن بولۇپ، رۇسىيە دائىرىلىرى نۇرغۇنلىغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. بۇ جازالار رۇسىيە ئۇرۇش ئارقا سەپ تەمىناتىنى قىيىنلاشتۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 539 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2023 17:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق