ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، خوڭكوڭ، ئۇيغۇر ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جېيمىس كىلېۋېرلى 5-ماي لوندوندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تەيۋەن مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
جېيمىس كىلېۋېرلى تىۋىتتېر ھېساباتىدا: «خىتاي بىلەن ئارىلىشىش دېگىنىمىز ئېغىر ئىختىلاپ بار بولغان ۋە ھەمكارلاشقىلى بولىدىغان ساھەلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈن مەن خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭغا ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭ، ئۇيغۇر ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بىز يەنە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت، كىلىمات ئۆزگىرىشى جەھەتتىكى ھەمكارلىشىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئۇچرىشىش خىتاي بىلەن ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تۆۋەن نۇقتىسىغا چۈشۈپ قالغان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن. ئەنگلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئەنگلىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەن ھەمدە ئاشكارا ھالدا خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، جېيمىس كىلېۋېرلى ئالدىنقى ھەپتە لوندوندا قىلغان سۆزىدە: «خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى تىنچلىق دەۋرىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولدى. ئەنگلىيە خىتاينى بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئوچۇق بولۇشقا چاقىرىدۇ» دېگەنىدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە: «گەرچە ئەنگلىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن نارازى بولسىمۇ، ئەمما ئەنگلىيە خىتاي بىلەن ئىجابىي ئالاقىنى ساقلايدۇ» دېگەنلەرنى ئىلاۋە قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ