شىۋېتسىيەدە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

شىۋېتسىيەدە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىمۇ نۇقتىلىق تىلغا ئېلىندى.

6-ماي ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىن شىۋېتسىيە رابىتاتۇل ئىسلام، مۇسلىم ئېيد ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئىستوكھولمنىڭ خەلق مەيدانى رايونىدىكى چوڭ مەسچىتتە ئۆتكۈزۈلگەن.

 

يىغىندا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان داڭلىق يازغۇچى، پائالىيەتچى دوكتور خالىد بەيدۇننىڭ يېقىندا نەشر قىلدۇرغان «ئىسلامفوبىيا» ناملىق كىتابى مۇزاكىرە قىلىنغان ھەمدە مەزكۇر كىتاب ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن.

دوكتور خالىد بەيدۇننىڭ مەزكۇر كىتابىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتى يۈرگۈزۈش، ئاتالمىش «تېررورغا زەربە بېرىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىشقىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

يىغىندا ئالدى بىلەن دوكتور خالىد بەيدۇن سۆز قىلىپ، كىتابنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى، مەزكۇر كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىتىنى تونۇشتۇرغان. ئارقىدىن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ياشلار بۆلۈمىدىن ئېھسان ئابدۇلەتىف ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان. ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ ئۆتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 969 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2023 17:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق