ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
مايك پومپېيو بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىنىڭ باغلىنىشى توغرىسىدا تېخىمۇ ئېنىق بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا خىتاي بىلەن شىمالى كورىيەنى «بىر گەۋدىنىڭ بىر قىسمى» دەپ قارىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پومپېيو سۆھبەت زىيارىتىدىكى سۆزىدە: «بىز يادرو پىروگراممىلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئويلىنىشىمىز كېرەك. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدىكى ھەرىكەتلىرىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىمۇ جاۋابكار دەپ قارىشى كېرەك» دېدى.
پومپېيو يەنە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە سۇ ئاستى پاراخوتىنى يېقىندا جەنۇبىي كورىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ شىمالى كورىيەگە بولغان يادرو ئەندىشىسىنىڭ كۈچىيىشى ۋە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە قارىتا بىر ئىنكاس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پومپېيو ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ئاسىيادىكى دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالى كورىيە قاتارلىق دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا تۇتقان پوزىتسىيەنىڭ بەك ئاز ۋە نىشانسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پومپېيو يەنە ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك چۈشەنچىسى ھەققىدە توختىلىپ: «ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك چۈشەنچىسىنىڭ ئاساسلىق ئىدىيىسى تەھدىدنى يوقىتىشقا تايىنىدۇ. ئۇكرائىناغا قىلىنغان ئۇششاق-چۈششەك ھۇجۇملار ھەققىدە گەپ قىلىشقا باشلىغان ۋاقتىڭىزدا، ياكى ئافغانسىتاندا 13 ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە رۇخسەت قىلغىنىڭىزدا، ياكى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارلىرىنىڭ دۆلىتىڭىزدە بەش كۈن ئۇچۇشىغا رۇخسەت قىلىپ، ھېچ ئىش قىلمىغان ۋاقتىڭىزدا، بۇلار ناچار كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ» دېدى.
ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىرانلىقلار رۇسلارغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ساتقاندا، سىز ئىرانلىقلار بىلەن يادرو كېلىشىمى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئولتۇرسىڭىز، ئەگەر خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ياكى شىمالى كورىيە رەئىسى كىم جوڭئون بۇنى كۆرسە، ئوچۇق دېيىشىمىز كېرەككى، بۇ يەردە رەھبەرلىك قىلىشقا تەييارلانغان ئامېرىكا يوق، دەپ ئويلايدۇ. بۇ رايون ئۈچۈن ئاساسلىق خەتەر تەرتىپنى بۇزماقچى بولغانلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئامېرىكىنىڭ مۇۋاپىق رەھبەرلىكىنىڭ بولماسلىقىدۇر» دېدى.
خىتاينىڭ پيوڭياڭنىڭ يادرو پىروگراممىسىنى قوللايدىغان ياكى قوللىمايدىغانلىقى ھەققىدە سورالغاندا، پومپېيو: «بۇ بىر قالتىس سوئال، شى جىنپىڭ بىلەن كىم جۇڭئوننىڭ بۇ مەسىلىدە يېقىن مۇناسىۋەت تارىخى بار» دېدى.
پومپېيو يەنە ھەر قانداق كۆرۈشۈش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ خىتاي-شىمالى كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ئويلاشقان ئاساستا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر