خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشىنى تەنقىد قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىشىنىڭ بىر خىتاي پىرىنسىپىغا ۋە ئىمزا قويغان ئۈچ بىرلەشمە خىتابنامىگە خىلاپلىق قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى «بومبا باكى»غا ئايلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، باياناتچى ماۋ نىڭ ئامېرىكا ۋە تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ مەخپىي ھەربىي كېلىشىملەرنى كۆپەيتىۋاتقانلىقى، تەيۋەن جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ بولسا توقۇنۇشنى قوغلىشىۋاتقانلارغا قارشى ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.

باياناتچى ماۋ نىڭ يەنە تەيۋەن خەلقىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن بۇ كېلىشىملەرنىڭ تەيۋەن خەلقى ئۈچۈن ئاۋارىچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان ۋە شەيتاننىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقانلارغا قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، تەيۋەن ياشلىرىنىڭ بۇ ئېقىمنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ يەنە تەيۋەندىكى دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسى دائىرىلىرىگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشى كېرەكلىكىنى، شەخسى مەنپەئەتىنى دەپ تەيۋەنلىك يۇرتداشلىرىمىزنىڭ ئاساسىي مەنپەئەتىگە، تەيۋەن ھەمدە تەيۋەن بوغۇزىدا جىددىيلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنى پەيدا قىلىشنى توختىتىشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىدى.

ئۇ يەنە تەھدىت سېلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك ۋە قەتئىي تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئاقىۋىتىگە نۆۋەتتىكى ھاكىمىيەتنىڭ سەۋەبچى بولىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ خاتا قىلمىشلىرى ئۈچۈن خەلقنىڭ بەدەل تۆلەپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 595 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2023 22:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق